خاقان فىدان پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
2141053
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز خاقان فىدان 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.»