ئەردوغان قازاقىستان  پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2140916
ئەردوغان قازاقىستان  پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان، شۇنداقلا قازاقىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەردىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، تۈركىيەنىڭ قازاقىستانغا ياردەم بېرىشكە ھەردائىم تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان ئاخىرىدا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر