تۈركىيە پولشاغا «TB2» يەتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيەدىن پولشاغا «بايراقتار TB2» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى تاماملاندى.

2140951
تۈركىيە پولشاغا «TB2» يەتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىنىڭ رەئىسى خالۇق گۆرگۈن، «بايراقتار TB2» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ پولشاغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئېكسپورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

بايقار گۇرۇھى باش دېرىكتورى خالۇق بايراقتار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىقتىدارىنى دۇنيا سەھنىسىدە نامايان قىلغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.»

تۈركىيە ئايرىم - ئايرىم 4 لايىھە دائىرىسىدە  6 ئايروپىلان ۋە 3 قۇرۇقلۇق كونترول پونكىتىنى پولشاغا سېتىپ بېرىش ئۈچۈن، 2021-يىلى مايدا پولشا بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر