تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقتا ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقنىڭ ھاقۇرۇق رايونىدا تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

2140550
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىراقتا ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى «تۇفان كوچەر» لەقەملىك ئەھمەد بايار بىلەن «مەرۋان زەرەۋان» لەقەملىك ئەھمەد ئىبراھىم ئەلئەھمەدنىڭ تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇنىڭغا ئاساسەن،  ئىراقنىڭ ھاقۇرق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان تېررورچىلار بايار بىلەن ئەلئەھمەد بىر تەرەپ قىلىنغان.

بايارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە 2012-يىلى قېتىلغانلىقى، ئىلگىرى سۈرىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​كاتتىباشلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغانلىقى،  ئەلئەھمەدنىڭ بولسا قەندىل تېغىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەنگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر