فىدان كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جولى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىدان تۈنۈگۈن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بىلەن كۆرۈشتى.

2140329
فىدان كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جولى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە كانادالىق مەنسەپدىشى جولى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى تۈركىيە بىلەن كانادانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 81 –خاتىرە يىلىغا توغرا كېلىدىكەن.

باياناتتا كۆرسىتىلشىىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن كانادانىڭ ماشىنىسازلىق، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى تەرەققىي قىلغان.

ئىگلىنىشىچە، نۆۋەتتە تەخمىنەن 3 مىليارد دوللار بولۇۋاتقان تۈركىيە-كانادا سودا مىقدارىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

2019-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق كانادا-تۈركىيە ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتى يىغىنىنىڭ كەلگۈسىدە تەكرارلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر