ئىراقنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2140043
ئىراقنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مۆلچەرلىگۈسىز، مىسلىسىز، چاقماق تېزلىكىدە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچىنى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلدى.  تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر