ئەردوغان: نېتانياھۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا داخىل بولغانلارنىڭ تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قان ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2140005
ئەردوغان: نېتانياھۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇدا 7 ئايدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«نېتانياھۇ ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا داخىل بولغانلارنىڭ ھەممىسى تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قان ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بىزمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلارنىڭ قانۇن ئالدىدا جاۋابلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى داۋاملىق كۆزتىمىز. ھېچكىم <ئىسرائىلىيە غەززەدە مەڭگۈ قالىدۇ> دەپ خاتا ئويلاپ قالمىسۇن. ئەگەر بۇ ئازغۇن دۆلەتنى، بۇ تېررورچى دۆلەتنى <توختاپ تۇر> دېمىسە، ھامان بىر كۈنى <ۋەدە قىلىنغان زېمىنلار> خام خىيالىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن دىققىتىنى ئانادولۇغا ئاغدۇرىدۇ.»

ئەردوغان ھەم مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەمدە ئانادولۇنى قوغداۋاتقان پەلەستىن قارشىلىق ھەرىكىتى (ھاماس) نى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«سىيونىست (ئەسەبىي يەھۇدىي) قاتىللار ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ بىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى بىزنى قىلچە قورقۇتالمايدۇ، ھەتتا قىلىمىزنىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە بۇ بىز پەخىرلەنگەن ھالدا كۆكرىكىمىزنى كېرىپ قىزغىن قارشى ئالىدىغان شەرەپ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر