تۈركىيە ب د ت دا «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى، باش ئەلچى ئەھمەد يىلدىز، پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2139454
تۈركىيە ب د ت دا «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەد يىلدىز ب د ت نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيوركتىكى مەركىزىدە چاقىرىلغان  جىددىي يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 10-مايدىكى <پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قايتا مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان> قارارىنىڭ 143 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش ئەلچى يىلدىز، تۈركىيەنىڭ بۇ تارىخىي قارارغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشى پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش يولىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەرقىنىمۇ نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دېدى.

غەززە ۋە غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان يىلدىز: «پەلەستىن خەلقى خەلقئارا قانۇنغا قەتئىي ھۆرمەت قىلىنماستىن، ۋىجدانسىزلارچە ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا» دېدى.

باش ئەلچى يىلدىز رەفاھتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، غەززەدە تېپىلغان كوللېكتىپ قەبرىلەرنىڭمۇ ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى رەھىمسىزلىكىنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يىلدىز تۈركىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ قەدەمنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى يەنە: «پەلەستىن ب د ت نىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر