مالىيە مىىستىرى شىمشەك بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

2139530
مالىيە مىىستىرى شىمشەك بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمشەك پىروگراممىسى دائىرىسىدە بىريۇسسېلدىكى مۇھىم تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان برۇگېل تەتقىقات مەرىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە: ياۋروپا ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا ئىلگىرىلەش» ناملىق يىغىندا تۈركىيەنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا  يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگنى قايتا جانلاندۇرۇش، تاموژنا ئىتتىپاقى بەلگىلىمىلىرىنى يېڭىلاش ۋە تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

مىنىستىر شىمشەك بىريۇسسېل زىيارىتى دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل كومىسسارى پاۋلو گېنتىلونى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى بازار ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى تىئېررى برېتون بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

شىمشەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى، پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى ۋە كاپىتال بازىرى ئىشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كومىسسارى مايرېد ماكگۇينېس  بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر