ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

2138342
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«<تېررورچىلارنى ئىزدەپ يوقىتىش ئىستىراتېگىيەسى> گە ئاساسەن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. قەھرىمان قىسىملىرىمىز رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر