تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

2138273
تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ 54 مىڭ توننىغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە تەرىپىدىن ھەر ھەپتىدە 127 توننا ئىچىملىك سۇنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى، 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىدار ۋە بىمارنىڭ تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«غەززەگە داۋاملىق ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر