تۈركىيە: ب د ت نىڭ پەلەستىن قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2138278
تۈركىيە: ب د ت نىڭ پەلەستىن قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ھەق - ھوقۇقلار ۋە ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن ھالدا قاتنىشىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»

«بۇ قارار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتى بولۇشى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش قىلىش چارىسىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.»

«خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر