يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 108 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 108 تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2137607
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 108 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەپتىلىك ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا رايونلاردا ئېلىپ  بېرىلغان يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، تېررورچىلارنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 108 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، 1-يانۋاردىن بۇيان ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلار سانى 953 كە يەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن ھەپتە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى خابۇردىكى تۈركىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر