ئەردوغان: ياۋروپانىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە بولغان ئىشەنچ تەۋرىنىپ كەتتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ياۋروپا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

2137511
ئەردوغان: ياۋروپانىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە بولغان ئىشەنچ تەۋرىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ياۋروپا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى <ئەھدىگە ۋاپا قىلىش پىرىنسىپى> دائىرىسىدە ئادىل ھەم نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش نىشانى ئاساسىدا قانات يايدۇرۇش» قا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ۋە باياناتلارنى بېرىشتىن ساقلىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى كۈچكە ئايلىنىشىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان دۆلىتىمىزگە قارىتا چەتكە قېقىش سىياسىتى ئالدىدا، تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ.»

ئەردوغان ياۋروپا قىتئەسى مىقياسىدا ئىسلام دۈشمەنلىكى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىرقچىلىقنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتىنى كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايىتى كۈندىن-كۈنگە ئومۇملىشىۋاتىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باياناتىدا، پەلەستىندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە توختىلىپ: «غەززە كىرىزىسىگە قارىتا ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ياۋروپانىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تەۋرىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر