تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا رەددىيە قايتۇردى.

2137666
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ <تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان سودا چەكلىمىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىكار قىلغانلىقى> توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلىرىغا رەددىيە قايتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بايانلىرىنىڭ خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودا توغرىسىدا چىقارغان قارارىمىزدا چىڭ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ قارار كۈچكە ئىگە. بىزنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودىنى توختىتىش قارارىمىز <ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ۋە غەززەدىكى پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت> شەرتىمىز ھازىرلانغۇچە كۈچكە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر