قۇرتۇلمۇش كۇبا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا كۇبا خەلقنىڭ كۈچى مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئېستېبان لازو ھېرناندېز بىلەن كۆرۈشتى.

2137350
قۇرتۇلمۇش كۇبا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش  ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ۋە كۇبا خەلقلىرىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، بۇ زىيارەتلەرنىڭ تۈركىيە – كۇبا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، تۈركىيەلىك سودا سانائەتچىلەرنىڭ كۇباغا مەبلەغ سېلىشنى ئىنتايىن خالايدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە كۇبا ھۆكۈمىتى ۋە كۇبا پارلامېنتىدىن سودا - سانائەتچىلەرنى كۇباغا مەبلەغ سېلىشقا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىنى كۈتىۈۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

كۇبا خەلقنىڭ كۈچى مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى ھېرناندېزمۇ ئۆزئارا زىيارەتلەردە بولۇش ئارقىلىق پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش كۇبانىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى، شائىر ۋە يازغۇچى جوسې مارتىنىڭ ئابىدەسىنىمۇ زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر