جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېفىيوپىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇلاتۇ تېشومې ۋېرتۇنى قوبۇل قىلدى.

2137273
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشقا، ۋېرتۇغا ئېفىيوپىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تايې ئاتسكې سېلاسسىمۇ ھەمراھ بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە پولشانىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىك بىيۇروسى باشلىقى جاكېك سىۋىيېرا ۋە رۇمېنىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىئون ئوپرىشورنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىششلاردا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن سۈركىلىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر