ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

2137129
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئايرىم ۋە ۋەكىللەر ئۈمەكلىرى ئارا سۆھبەتلەردىن كېيىن، جەۋدەت يىلماز بىلەن ئەلى ئەسەدوف <تۈركىيە-ئەزەربەيجان 11-نۆۋەتلىك بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېت رامكا كېلىشىمى> ئىمزالىدى ۋە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جەۋدەت يىلماز تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ 7 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، نىشاننىڭ سودا سوممىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ئەزەربەيجاننىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز» دېدى.

يىلماز بىلەن ئەسەدوف يەنە تۈركىيە سودا باشقارمىلىرى ۋە پاي چېكى بازارلىرىنىڭ قوشماق بىنالاردا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەزەربەيجان سودا مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.

ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەسەدوف جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر