تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ 2024 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا دۆلەت مىقياسىدا يولۇچى توشۇش نىسبىتىنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا % 53.7 ئاشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە رېكورت يارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇرالئوغلۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار تەخمىنەن 18 مىليون يولۇچىنى كۈتۈۋالغان.
2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا 653 مىڭ 472 ئايروپىلان يولۇچىلارنىڭ مۇلازىمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان.
ئىكى – تاشقى لىنىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىۋاسىتە ترانزىت يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغان يولۇچىلارنىڭ سانى 62 مىليونغا يەتكەن.
تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئايرودۇرۇملىرىدا توشۇلغان يۈكلەرنىڭ مىقدارى بولسا 1 مىليون 373 مىڭ 395 توننىغا يەتكەن.