«تۈركىيە-قاتار غەززە  ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن يولغا چىقىدۇ

«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن (8-ماي) تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىدىن يولغا چىقىدۇ.

2136832
«تۈركىيە-قاتار غەززە  ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باشچىلىقىدا تەييارلانغان «تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى»  بۈگۈن مەرسىن پورتىدىن يولغا چىقىدۇ.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە قاتار تەرەققىيات فوندى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە توپلانغان يېمەك - ئىچمەك، تازىلىق، داۋالاش بۇيۇملىرى ھەمدە پاناھلىنىش ماتېرىياللىرىدىن تەركىب تاپقان 1900 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى «تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» غا قاچىلاندى.

مەرسىن خەلقئارا پورتىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن يولغا چىقىدىغان پاراخوت، تەخمىنەن 40 سائەتتىن كېيىن غەززەگە ئەڭ يېقىن رايون بولغان مىسىرنىڭ ئەلئەرىش پورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

ھازىرغا قەدەر جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، فوندى جەمئىيەتلەر باش ئىدارىسى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە توپلانغان جەمئىي 52 مىڭ 16 توننا ھەر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى 13 ئايروپىلان ۋە 10 پاراخوت بىلەن غەززەگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ رايوندىكى پۇقرالارنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن غەززە خەلقىنى مىسىردىن سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلان-لايىھەسى دائىرىسىدە، ھازىرغىچە غەززەگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن سۇنىڭ مىقدارى 1735 توننىغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر