تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا ئالتە تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى ئەسساباھقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شەرەپ ئوردېنى تەقدىم قىلدى.

2136732
تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا ئالتە تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كۇۋەيت ئەمىرىگە «دۆلەت شەرەپ ئوردېنى» تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى؛ مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئاندىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرەپ ئوردېنى تەقدىم قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەمىر ئەسساباھنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي شۇنداقلا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىن جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، سەھىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى؛ كۇۋەيت بىلەن ھەر دەرىجىلىك ئالاقىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەت كۈنتەرتىپىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىمۇ ئورۇن ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۇۋەيت ئەمىرى ئەسساباھ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 6 كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر