ئەردوغان ھاماسنىڭ قارارىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ھاماسنىڭ بىزنىڭ تەۋسىيەمىزگە ئاساسەن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۇق» دېدى.

2136232
ئەردوغان ھاماسنىڭ قارارىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس قاتار بىلەن مىسىر بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاپ بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن بايانات بەرگەن ئەردوغان، «ھاماسنىڭ بىزنىڭ تەۋسىيەمىزگە ئاساسەن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۇق. بۇنىڭغا ئوخشاش قەدەمنى ئىسرائىلىيەمۇ تاشلىشى كېرەك. مەن غەربتىكى بارلىق كۈچلەرنى تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر