كۇۋەيت ئەمىرى ساباھ تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى
كۇۋەيت ئەمىرى مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60-خاتىرە يىلىدا تۈركىيەگە كەلدى.
2136485
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھنى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى.