خاقان فىدان <ئەل ئەرەبىيە> تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلىپ غەززە ھەققىدە توختالدى

خاقان فىدان مەركىزىي ئىشخانىسى دۇبەيگە جايلاشقان ئەل ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بايانات بەردى.

2135725
خاقان فىدان <ئەل ئەرەبىيە> تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلىپ غەززە ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «ئەگەر بىز (غەززەدىكى) بۇ پاجىئەدىن ساۋاق ئالمىساق، مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى بىلەن ھەل قىلمساق، بۇ ئەڭ ئاخىرقى غەززە ئۇرۇشى بولمايدۇ» دېدى.

خاقان فىدان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى مەسىلىسىدە، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئەمدىلىكتە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەگەر بىز بۇ پاجىئەدىن ساۋاق ئالمىساق ۋە مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى بىلەن ھەلقىلمىساق، بۇ ئەڭ ئاخىرقى غەززە ئۇرۇشى بولمايدۇ. باشقا ئۇرۇش ۋە كۆز ياشلىرى بىزنى ساقلاۋاتقان بولىدۇ. بىز ئىسرائىلىيەنىمۇ1967-يىلىدىكى چېگرانى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت ھاماسلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پەلەستىنلىكلەرمۇ 1967–يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلىدىغان پەلەستىن دۆلىتىنى قوبۇل قىلىشقا رازى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر