يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 43 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بىر ھەپتىدىكى چېگرا ھالقىپ ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 43 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2134658
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 43 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەپتىلىك دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇقنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىستراتېگىيىسى دائىرىسىدە چېگرا ھالقىپ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە 43 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 1-يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېرورچىلار سانىنىڭ 845 كە يەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ 376 ىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا، 469 سىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يوقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

يىغىندا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر