ئەردوغان گامبىيە پىرېزىدېنتى  بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2134613
ئەردوغان گامبىيە پىرېزىدېنتى  بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە - گامبىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە گامبىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 15-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ۋە تېل ئاۋىۋنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان قارارلىرىغا رىئايە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ۋە چىقىرىلىدىغان قارارلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ھەمدە يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، يەنە تۈركىيە – گامبىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر