تۈركىيە پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقىنى قەتئىي قوللايدۇ

تۈركىيە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا تولۇق ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى «تولۇق قوللايدىغانلىقى»نى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

2134583
تۈركىيە پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقىنى قەتئىي قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى، باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇش قارار لايىھەسىنى رەت قىلىشىدىن كېيىن، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

«بىز پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى قەتئىي قوللايمىز» دېگەن يىلدىز: خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق تەلىپىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋال (ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا) دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقىمۇ توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

باش ئەلچى يىلدىز: «ئۆتكەن ھەپتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر دائىمىي ئەزاسىنىڭ (ئامېرىكانىڭ) رەت قىلىشى سەۋەبىدىن پەلەستىننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تېگىشلىك ئورنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىندى» دېدى ۋە بۇ رەت قىلىش ئارقىلىق پەقەت پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭلا ئەمەس، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىجابىي بېلەتلىرىنىڭمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

«تۈگىمەس زوراۋانلىق چارقىنى توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىدۇر» دېگەن باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز، تەكرارلىنىۋاتقان رەت قىلىشلارنىڭ ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپى ۋە كېڭەشنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ھوقۇقىغا <ئېغىر زەربە بېرىش> ھېسابلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر