بۈگۈن ت ر ت نىڭ 60 ياشقا كىرگەن كۈنى
يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇنتۇلماس پىروگراممىلار، ت ر ت ئېكرانلىرىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ئوخشىمىغان تىللاردا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيو دولقۇنلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزمەكتە.
تۈركىيەدە رادىيو ئاڭلىتىشلىرى 1927-يىلى 6-ماي باشلاندى. تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى 1968-يىلى 31-يانۋار مىتھاتپاشا ستۇدىيوسىدا تۇنجى قېتىملىق سىناق تارقىتىش بىلەن باشلاندى. تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ ئۇلى 1964-يىلى 1-ماي بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلغان قانۇن بىلەن قويۇلدى.
ھەر دەۋردە ئۆزىنى يېڭىلىغان ۋە كەسپىي ساھەسىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن ت ر ت، تۈركىيەنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش خاتىرە ئامبىرىغا ئايلاندى.
ت ر ت 41 تىل ۋە شىۋىلەردە رادىيو پىروگراممىلىرى تارقاتقاندىن باشقا، ت ر ت نېمىسچە، ت ر ت رۇسچە، ت ر ت فىرانسۇزچە، ت ر ت بالقان تىللىرى، ت ر ت ئافرىقا تىللىرى ۋە ت ر ت ئىسپانچە دىجىتال خەۋەر مۇنبەرلىرى بىلەنمۇ خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزمەكتە.
بۈگۈن ت ر ت رادىيو دولقۇنلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە يەتتە قىتئەگە ھەر خىل پىروگراممىلارنى تارقاتماقتا.
60 يىللىق تەجرىبە بىلەن توغرا ۋە بىتەرەپ ئاممىۋى ئاخباراتچىلىقنىڭ بىردىنبىر ئادرېسى ت ر ت، داۋاملىق تۈركىيە خەلقىنىڭ ئاۋازى بولىدۇ.
ت ر ت بۈگۈن (2024-يىلى 1-ماي) 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان ئالاھىدە مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەيدۇ.