تۈركىيە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ «پۈتۈنلەي تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلار تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان جايلارغا زەربە بېرىشنى نۇقتا قىلىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
2131826
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەگە قارىتا ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر، ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئۇچۇرلار ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.