ئەردوغان: نېتانياھۇ ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكىنىڭ جاۋابكارى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكىنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارىنىڭ باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2128637
ئەردوغان: نېتانياھۇ ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكىنىڭ جاۋابكارى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكىنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «غەززەدە زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىمىغىچە رايونىمىزدا يېڭى جىددىيچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (16-ئاپرېل) كابېنت يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تېل ئاۋىۋ بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچلىك ئۈستىدە توختىلىپ: «غەززەدە 193 كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ۋە بۇنىڭغا قارشى قوزغالغان ئاممىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلەتكەن نېتانياھۇنىڭ دەل ئۆزى. 13-ئاپرېل كېچىسى ھەممىمىزنى ئەنسىرەتكەن جىددىيچىلىك (ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى) نىڭ بىرىنچى جاۋابكارى نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ كۆزى قانغا تولغان ھۆكۈمىتىدۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان غەززەدىكى قەتلىئاملارنىڭ ئارقا پىلانغا ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش ۋە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىمۇ توختىماي ئىلھاملاندۇرۇش ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. غەززەدە زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىمىغىچە رايونىمىزدا يېڭى جىددىيچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر