ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋە مۇۋەققەت سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى جون باس بۈگۈن (2024) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى بۇراق ئاقچاپارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

2127637
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋە مۇۋەققەت سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى جون باسنىڭ 15-16-ئاپرېل كۈنلىرى داۋاملىشىدىغان ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ  رىياسەتچىلىكىدە 7–مارتتىن 8- مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 7- نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم يىغىنىدا قارار قىلىنغان مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر