ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېكس (X) ئادرېسىدا، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.
2126509
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكىدە، مۇنداق دېدى:
«خەلقىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. ھېيتنىڭ دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، ئىسلام دۇنياسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىنچلىققا، خاتىرجەملىككە، ئەسەنلىككە ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.