ئىستانبۇلدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم قازا قىلدى
ئىستانبۇل بەشىكتاش رايونىدىكى 16 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
2123917
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل بەشىكتاش رايونىدىكى 16 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدىكى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم قازا قىلدى.