فىدان: تېررورنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ تېررورنى تەلتۈكۈس يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.

2122357
فىدان: تېررورنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان تۈنۈگۈن ئىزمىردا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن ئەگە دېڭىزى ياكى شەرقىي ئاقدېڭىزدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىش نىيىتىدە بولمىغانلىقىنى، ئەمما ھالقىلىق مەنپەئەتىنى قوغداشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تېرورلۇقنى تەلتۈكۈس يوقىتىش ئىرادىسىنىڭمۇ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىدان سۆزىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش بىلەن غەززەدىكى زۇلۇمغا ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئاساسىدا خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقىنىڭ كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بالقان ۋە جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا رايون خاراكتېرلىك ئىگە چىقىش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق زېمىنىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر