خاقان فىدان قاتار باش مىنىستىرى بىلەن غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل تانى بىلەن غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى.
2114575
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان قاتارلىق مەنسەپدېشى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
سۆھبەتتە، غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەشەببۇسلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
مىنىستىر خاقان فىدان يەنە، پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۇبا جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رىكاردو كابرىساس رۇيىز بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.