پۇتىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2107442
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.
سۆھبەتتە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.
پۇتىن ئەردوغاننىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دوستلۇق ئاساسىسدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.