ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكانىڭ ھوستون ئىشتاتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

2100535
ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
alper gezeravci ailesi.jpg
alper gezeravci ailesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر X ھېساباتىدىكى ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىدىكى سىننى ھەمبەھىرلىدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجى قاتارلىق Ax-3 گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئەجدىھا كاپسۇلى 18 - يانۋار ئامېرىكا ۋاقتى 16:49 دە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

تەخمىنەن 36 سائەت داۋاملاشقان يولۇچىلىقتىن كېيىن Ax-3 ئەترىتى 20-يانۋاردا خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا يېتىپ بارغان ئىدى.

ئالەم قاتنىشى شىركىتى SpaceX غا تەۋە ئەجدىھا ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش سەپىرى بولسا، 47 سائەت داۋاملاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر