ئەردوغان: تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5 – نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2073855
ئەردوغان: تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
erdoğan miçotakis.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە – گىرېتسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان گىرېتسىيەدە، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېلاروپۇلۇ تەرىپىدىن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

ئەردوغان گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېلاروپۇلۇ بىلەن كۆرۈشۈش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاتىنادا زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

« 5-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىمىزنىڭ تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا پارلاق يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

«بىز بۈگۈن كۆپ ساندىكى مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرگە كەلدۇق. مىنىستىرلىرىمىز كەسپداشلىرى ۋە سۆھبەتداشلىرى بىلەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. زىيارىتىمىزدىن مەقسەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 5 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتۇر. بۇ جەھەتتە قايسى ساھەدە قايسى قەدەملەرنى تاشلىيالايدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىمىز. بارلىق مىنىستىر دوستلىرىمىز بۇ ھەقتە  دەسلەپكى تەييارلىقلارنى قىلدى. بۇ دائىرىدە كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، سەپىرىمىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە بىخەتەر ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز. ئەھمىيەتلىك ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش كېلەچەك ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى دەپ قارايمەن.»

كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېلاروپۇلۇ ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەردوغان ئاتىنادا گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىسنىمۇ قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر