فىدان ئەرتۇغرۇلئوغلۇغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ۋە جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

2064522
فىدان ئەرتۇغرۇلئوغلۇغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان مەنسەپدىشى ئەرتۇغرۇلغا يوللىغان تەبرىك خېتىدە، ئۆزىنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك نامايەندىسى بولغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان شادلىق ۋە خۇشاللىقىنى چىن قەلبىدىن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خەلقىمىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. تىنچلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئىسپاتلاپ كەلگەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ، دۇچار قىلىنغان قانۇنسىزلىق ۋە غەيرىي ئىنسانىي چەكلىمىلەرگە قارىماي، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ھەر پۇرسەتتە نامايان قىلىشى، ھەققانىي دەۋامىزدا كۈچىمىزگە كۈچ بېغىشلىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر فىدان تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بۇرچى دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن، پىداكارلىق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان فىدان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھېسسىيات ۋە ئوي-پىكىرلەر بىلەن، سىزنىڭ ۋە قىممەتلىك قىبرىس تۈركى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 15 – نويابىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن؛ قىبرىس دەۋاسى يولىدا شېھىتلىك مەرتىبىسىگە ئېرىشكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر