فىدان ئامېرىكادا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

2041148
فىدان ئامېرىكادا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى
blinken-fidan.jpg
fidan abd gorusmeler.jpg
astana platformu disisleri bakanlari.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، نيۇ يوركتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان كونكرېت ۋە ئىجابىي قەدەملەر، شۇنداقلا قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى، شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ۋە قاراباغدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوھېن، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىزىجارتو، بېلگىيە تاشقى ئىشلار، ياۋروپا مەسىلىلىرى، تاشقى سودا ۋە فېدېراتسىيە مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى مىنىستىرى ھاجدا لاھبىب بىلەن كۆرۈشكەن.

مىنىستىر فىدان قاراچاي تۈركلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، تۈركىيە باش كونسۇلخانلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ھەمىشە ئۇلارغا ئوچۇق ھەم ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاستانا مۇنبىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغىمۇ قاتناشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر