ئەردوغان نيۇ يوركتا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2039100
ئەردوغان نيۇ يوركتا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
tebbun-erdogan.jpg
duda-erdogan.jpg
stoltenberg-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنى قوبۇل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قوبۇلدىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولدۇق. ئۇچرىشىشتا كۈنتەرتىپىمىزدىكى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. داۋاملىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ھەر دائىمقىغا ئوخشاش ئەڭ ئاكتىپ شەكىلدە قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئەردوغان پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېجېج دۇدا بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە  دۇدا بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈرك ئۆيىدە پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېجېج دۇدا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىزدا، رايون مەسىلىلىرى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. دۇدا ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنىڭ دۆلەتلىرىمىز ۋە رايونىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»

ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇننىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. شۇنداقلا ئافرىقادىكى جىددىيچىلىك، تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەل قىلىش تەكلىپلىرى توغرىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن بىلەن نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە بىر يەرگە جەم بولدۇق. تۈركىيە – ئالجىرىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، بۇنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر