جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېتىپ بارىدۇ.

2038125
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 16 – 22 – سېنتەبىر  كۈنلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئومۇمىي ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىق كۈچەيتىش: 2030-يىللىق قارالمىلار ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى، تىنچلىق، گۈللىنىشكە قاراپ ھەرىكەت قەدىمىنى تېزلىتىش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلىدىكەن.

ئەردوغان نيۇ يورك زىيارىتى داۋامىدا، دۆلەت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر