ئەردوغان: خەلقمىز بىلەن بىرلىكتە نىشانلارغا قاراپ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەيمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە نىشانلارغا قاراپ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەيمىز» دېدى.

2031097
ئەردوغان: خەلقمىز بىلەن بىرلىكتە نىشانلارغا قاراپ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەيمىز
30 Ağustos Zafer Bayramı Külliye.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ئالاھىدە كونسېرتى ۋە 100 – يىل مارشىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى»دا سۆز قىلىپ: «رايونىدىكى كىرىزىسلارنىڭ ھەل قىلىنىدىغان يېرىگە ئايلانغان؛ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا تەھدىت بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچىنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقان تۈركىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشى داۋاملىشىدۇ» دېدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چارەك ئەسىر، يېرىم ئەسىر ياكى بىر ئەسىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋاسىتىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئىلغار» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۇنيانى چۈشىنىدىغان، تۈركىيەنىڭ ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىنى بىلىدىغان ۋە ئۆز ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە نىشانلارغا قاراپ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پىروگراممىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 100 - يىلنى تەبرىكلەش مارشى مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە ۋە باھالىغۇچىلار ئالاھىدە مۇكاپاتىغا لايىق دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىلىرىغا ئەردوغان تەرىپىدىن مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن، تېكىستىنى ئىلكەر كۆمۈرجۈ، مۇزىكىسىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سىمفونىيە ئوركېستىرى ئىشلىگەن ئەسەر ئىشتىراكچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەت دائىرىسىدە، «30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» ۋە «تۈركىيە ئەسىرى» دېگەن خەتلەر بىلەن «تۈركىيە خەرىتىسى»، «تۈركىيە بايرىقى»، «جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 – يىل خاتىرە لوگوسى» 1200 ئۇچقۇ بىلەن ئاسماندا ئەكس ئەتتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر