مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى مەخسۇس سىن ئىشلەپ تەبرىكلىدى.

2030921
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلەنگەن سىنلىق تەبرىك تېلېگراممسىدا، ئۇرۇش پەيتلىرىنىڭ كونا سۈرەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى يەرلىك ۋە مىللىي قورال، ئوق – دورا ۋە ماشىنلار بىلەن ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە مانېۋىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

30- ئاۋغۇستنىڭ گىرېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە تۇپراقلىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن فىلىمدە، «باش قوماندان مۇستاپا كامال پاشانىڭ 30- ئاۋغۇست ئارمىيەسىگە: <ئەسكەرلەر، سىلەرنىڭ بىرىنچى نىشانىڭلار ئاق دېڭىز، ئالغا!> دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈشى بىلەن، چۈشتىن كېيىن كەسكىنلەشكەن جەڭ كەچكىچە داۋاملاشتى، گىرېتسىيە ئارمىيەسى پۈتۈنلەي پارچىلاندى، گىرېكلار نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچرىدى. شۇنداق قىلىپ، گىرېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىزمىرغا كىرىپ، ئانادولۇنى ئىشغال قىلىشنى مەقسەت قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ دېڭىزغا تۆكۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

فىلىمدە، غازى مۇستاپا كامال پاشانىڭ «ئالغا» دېگەن بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ھەمىشە خەلقنىڭ خىزمىتىدە، خەلق بىلەن بىرلىكتە يەرلىك ۋە مىللىي تېخنىكىلار بىلەن قوراللانغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ھالدا كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش بۈگۈنمۇ دوستلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، دۈشمەنگە ۋەھىمە سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىقلىنغان فىلىمدە: «غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان —  ۋەتەن يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان — ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ھەمدە قەھرىمان غازىلىرىمىزنى سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئىچىدە ياد ئېتىمىز. 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى بايرىمى مۇبارەك بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر