جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 30-ئاۋغۇست باش قوماندانلىق مەيدان جېڭىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2030840
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 101 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

30-ئاۋغۇست باش قوماندانلىق مەيدان جېڭىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ تەبىرى بويىچە، 30-ئاۋغۇست غەلىبىسى <تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، تۈرك ئوفېتسىرلىرى ۋە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ تارىختىكى پەۋقۇلئاددە كۈچ ۋە قەھرىمانلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرگەن ناھايىتى ئۇلۇغ ئەسەردۇر>» دېدى.

«تۈرك مىللىتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئۆلمەس ئابىدىسى» بولغان بۇ غەلىبىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە بويۇنتۇرۇق سالغىلى، شۇنداقلا مۇستەقىللىقى ۋە ئىستىقبالىغا كۈلەڭگۈ چۈشۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان ئەركىنلىك سۆيگۈسى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرماقتا. مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مەۋجۇتلۇقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا قايتۇرغان ئىنكاسى، بولۇپمۇ 15- ئىيۇلدىكى (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016- يىلىدىكى  سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى) خىيانەتكە قارشى كۆرسىتىلگەن تىللارغا داستان قارشىلىقى، بۇ ئىرادىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قايتا- قايتا نامايان قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا تاشلايدىغان يېڭى قەدەملەر ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇپ، تۈركىيەنى زامانىۋىي مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرىمىز» دېدى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى، كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنىڭ باش قوماندانى غازى مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممسىدىا: «بارلىق شېھىتلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن. 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىمىز قۇتلۇق بولسۇن!» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر