دۆلەت ئەربابلىرى 30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانىتقابىرنى زىيارەت قىلدى

30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 101 يىللىقى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرىدا ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلەنمەكتە.

2030927
دۆلەت ئەربابلىرى 30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانىتقابىرنى زىيارەت قىلدى
erdogan anitkabir1.jpg
erdogan anitkabir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۇنجى مۇراسىم مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ئانىتقابىر (ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى)دا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى 30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانىتقابىرنى زىيارەت قىلدى.

ئەردوغان ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە ئاي – يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلدى، ئاندىن دۆلەت شېئىرى ئوقۇلدى.

ئاندىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مىساقى مىللىي مۇنارىنىڭ يېنىغا باردى؛ بۇ يەردە ئەردوغان ئانىتقابىر ئالاھىدە خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ: «ھۆرمەتلىك ئاتاتۈرك، بىز تۈرك مىللىتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئۆلمەس ئابىدىسى دەپ قاراۋاتقان ئۇلۇغ غەلىبەنىڭ 101 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىمىزدىن پەخىرلەنمەكتىمىز. شانلىق تارىخىمىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان بۈگۈن، بىز ئالىيلىرىنى، سەپداشلىرىڭىزنى، بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرىنى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز. زامانىۋىي مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىدىمۇ ھالقىپ كېتىش نىشانىمىزنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان <تۈركىيە يۈز يىلى> قارىشىمىزنى دۆلەت – خەلق قولمۇقول تۇتۇشۇپ، زور ئىرادە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنى نىشانلىرىغا، خەلقىمىزنى ئەسىرلىك ئارزۇلىرىغا يەتكۈزگىچە كېچە – كۈندۈز دېمەستىن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. روھىڭىز شاد بولسۇن!» دەپ يازدى.

ئانىتقابىر دۆلەت مۇراسىمىدىن كېيىن ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى.

30- ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر