بۈگۈن 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 101 - خاتىرە كۈنى

بۈگۈن 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 101 – خاتىرە يىلى كۈنى...

2030794
بۈگۈن 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 101 - خاتىرە كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم» دەپ ئاتلانغان يولدا گىرېتسىيە ئارمىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىلدى؛ بۇنىڭدىن 101 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە قولغا كەلتۈرۈلگەن زەپەر، تۈرك مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.

بۇ زەپەر ئارقىلىق ئانادولۇنى ئىشغال قىلغىلى بولمايدىغانلىقى پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلىندى ۋە ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈرك مىللىتى قان، ئوت ۋە نەيزە بىلەن غەلىبە تەرەپكە قاراپ ئاتلاندى. ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتلەرگە ئۇچرىغان ساكاريا مەيدان ئۇرۇشى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ غەلبىدىن كېيىن، ئىلگىرىلىشى توختىتىلغان دۈشمەن ئارمىيەسىنى ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ تەييارلىقلىرى باشلاندى.

باش قوماندان مۇستاپا كامال پاشا 1922- يىلى 26- ئاۋغۇست كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئافيونقاراھىسار، 30- ئاۋغۇست كۈتاھيا، 1- سېنتەبىر ئەمەت ۋە تاۋشانلى دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىندى. 9- سېنتەبىر ئىزمىردىكى گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى دېڭىزغا تۆككەن تۈركىيە ئارمىيەسى، مۇستاپا كامال پاشانىڭ بۇيرۇقىنى زور مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئورۇندىدى.

ھەربىي كۈچلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلدۇرۇلماقچى بولغان «سەۋر شەرتنامىسى» ئۇرۇش مەيدانىدا يىرتىپ تاشلانغان بولدى ۋە ئۇ لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. تۈركىيە مىساقى مىللى (دۆلەت ئەھدىسى)نىڭ جۇغراپىيەلىك نىشانىغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر