فىدان فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەسرىن كولوننا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
كۆرۈشۈشتە، خاقان فىداننىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ «پىلە-يىگىتلەر يولى لايىھەسى» توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كۆرۈشۈشتە يەنە، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يېشىل لېنيە ئۈستىدىكى پىلە يېزىسىغا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن قاتناشنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، پۈتۈنلەي ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبى بىلەن «پىلە-يىگىتلەر يولى لايىھەسى» نىڭ تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.