تۈركىيە ب د ت نىڭ مۇقەددەس كىتابلارغا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ خىل قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى...

2016679
تۈركىيە ب د ت نىڭ مۇقەددەس كىتابلارغا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابلارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەپ بېكىتكەن قارارى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2023- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى مۇقەددەس كىتابلارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىغان، دۆلىتىمىزمۇ ئاۋاز قوشقان ھالدا ئورتاق سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېدى.

قارارنىڭ يېقىندىن بۇيان شىۋېتسىيە، دانىيە ۋە گوللاندىيەدە ساقچىلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىغا رۇخسەت قىلىنىشىدەك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مىلياردلارچە مۇسۇلماننى بىئارام قىلغان بۇ خىل ئۆچمەنلىك  جىنايىتىگە قارشى كەسكىن ھەرىكەت قىلىشى شەرت» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇقەددەس كىتابلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ خىل قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەش قارار لايىھەسىنى 25- ئىيۇل ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر