ئەردوغان: تۈركىيە غەلىبە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىيپ ئەردوغان: «ئاۋاز بېرىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بارلىق پۇقرالىرىمىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

1992063
ئەردوغان: تۈركىيە غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، تاشلانغان ئاۋازلارنى ساناش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۇنجى نۇتۇقىنى ئىستانبۇلدا سۆزلىدى.

ئۇ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، سايلىغۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۆلەتنى يەنە بىر قېتىم بەش يىل باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىزگە بەرگەن خەلقنىڭ ھەر بىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئىشەنگىنىڭلارغا لايىق بولىمىز. بىز شۇنداق غەلىبە قىلايلىكى ھېچكىم ئۇتتۇرمايدۇ، دېگەن ئىدۇق. شۇنداق بولغاندا بۈگۈن غەلىبە قىلغان پەقەت تۈركىيەدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر